تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
سۈيدۈككە قاراپ كېسەل كۆرۈش

سۈيدۈككە قاراپ كېسەل كۆرۈش

يوللانغان ۋاقىت 2015/2/17 16:58:09  كۆرۈلىشى:1034 قىتىم

سۈيدۈكتىكى غەيرىي تەبىئىي چۆكمە: سۈيدۈكتىكى غەيرىي تەبىئىي چۆكمە تۆۋەندىكىدەك 12 خىل بولىدۇ. 1. شىلىمشىق چۆكمە: چۆكمە ئاق، قويۇق، شىلىمشىق بولىدۇ. بۇ غەيرىي تەبىئىي چۆكمە خىلىتىنىڭ پىشقانلىقى، مىزاجىنىڭ سوغۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ياللۇغى ( ئىرقۇننىسا) ۋە تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ كېتىش كېسەللىكلىرىدە بۆھران (ئاخىرقى باسقۇچ) يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2. دۇغلاشقان چۆكمە: بۇ ئاق، قويۇق، دۇغراق چۆكمە بولۇپ، بۆرەك ياكى دوۋساقنىڭ يىرىڭلىق جاراھەتلىرىدە ئۇچرايدۇ. بۇنى يىرىڭلىق سۈيدۈكتىن پەرقلۈندۈرۈش كېرەك. يىرىڭلىق سۈيدۈكنى چايقىسا، پۈتۈن سۈۈيدۈك ئاقىرىپ كېتىدۇ ۋە سېسىق پۇرايدۇ. 3. ياپىلاق چۆكمە: سۈيدۈك ئىچىدە بىر پارچە ئاق ياكى قىزىل رەڭلىك لاتىغا ئوخشاش ياپىلاق چۆكمە بولىدۇ. بۇ دوۋسۇندا يارا پەيدا بولغانلىقىدىندۇر. بۇ خىلدىكى چۆكمە قارامتۇل توپا رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. بەزىدە بېلىق تېرىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ خىل چۆكمە خەتەرلىكتۇر. ئاق ياكى قىزىل بولغىنى دوۋساقتا ئوفۇنەت (ياللۇغ) بولۇپ، جاراسىملاردىن تازىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 4. دانچە چۆكمە: بۇ چۆكمە ياپىلاق چۆكمىدىن كىچىك ھەمدە ئاق رەڭلىك، دانە-دانە، خۇددى كېپەكتەك بولىدۇ. بۇ دوۋساقتا قاپارتمىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر يىرىڭلىق بولسا سېسىق پۇرايدۇ. 5. پۇرچاقسىمان چۆكمە: دانچە چۆكمىدىن چوڭراق، رەڭگى قارامتۇل ئاق ياكى توپا رەڭلىك بولۇپ، پۇرچاققا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ، بۆرەك، جىگەرگە ئوخشاش نازۇك ئەزالارنىڭ ئىچكى قىسمىدا يىمىرىلىش بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بۇ خىلدىكى چۆكمە تالقاندەك پارچىلىنىپ كۆرۈنسە خەتەرلىكتۇر. 6. گۆشسىمان چۆكمە: چۆكمىنىڭ رەڭگى گۆشنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ پۇرچاقسىمان چۆكمە بىلەن ئوخشاش. 7. ياغسىمان چۆكمە: بۇ كۆپىنچە سۈيدۈك ئۈستىدە ياغدەك، بەزىدە سېرىق سۇدەك لەيلەپ يۈرىدىغان چۆكمە بولۇپ، بەدەندىكى ماينىڭ ئېرىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبچىسى گۆش ۋە مايلارنى ئېرىتكۈچى غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى بولۇپ، رەڭگى بەزىدە ئاق، بەزىدە قىزىل كېلىدۇ. 8. يۇڭسىمان چۆكمە: بۇ چۆكمە ئۇزۇن تالا-تالا بولۇپ، سۈيدۈكنىڭ بەك سۇيۇلۇپ كېتىشىدىن بولىدۇ. رەڭگى قىزىل بولۇپ، بۆرەك كېسەللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 9. قۇمسىمان چۆكمە: چۆكمە خۇددى قۇمدەك بولىدۇ. بۇ دوۋساق ياكى بۆرەكتە قۇم شەكىللىك تاش بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شېغىل رەڭلىك تاش ۋە قۇمغا ئوخشىغان قىزىل رەڭلىك چۆكمە تاشنىڭ بۆرەكتە ئىكەنلىكىنى، ئاق رەڭلىك چۆكمە تاشنىڭ دوۋساقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 10. قاندەك چۆكمە: چۆكمە قاندەك بولۇپ، سۈيدۈك بىلەن ئارىلىشىپ كەلسە جىگەرنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئەگەر ئايرىم-ئايرىم تۇرسا بۆرەكتە تاشنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر پارچە=پارچە ئۇيۇپ قالغان قاندەك بولسا تال كېسەللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 11. خېمىرسىمان چۆكمە: چۆكمە سۈيدۈك ئىچىدە خېمىر باردەك كۆرۈنىدۇ. بۇ، ئاشقازان ئاجىزلىقى ۋە تاماق ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇزۇلغان تاماق، قېتىق، دۇغنى كۆپ ئىچكەندىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. 12. كۈلسىمان چۆكمە: چۆكمىنىڭ كۈل رەڭگىدە بولۇشى يىرىڭ ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ، رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى