تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
ئۈچ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىشى كېسىلى

ئۈچ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىشى كېسىلى

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/21 0:01:19  كۆرۈلىشى:993 قىتىم

(سەيلانى مەنى، مەزى، ۋەدى)


   مەنى دېگەن ئۇرۇق بېزى سۇيۇقلۇقى، مەزى دېگەن مەنى خالتىسىنىڭ ئاغزى قىسمىغا جايلاشقان بەزنىڭ سۇيۇقلۇقى، ۋەدى دېگەن ھەم شۇ بەزنىڭ سۇيۇقلىقىغا قارتىلغان. بۇ ئەرلەردە كۆپ ئۇچىرايدىغان تاناسىل ئەزالارنىڭ خىزمىتى نورمال بولماسلىق بىلەن  مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىك بولۇپ، شەھۋەت قوزغالغاندا ياكى جىنسي ئەزا ھەرىكەت  قىلىپ قايىم بولغاندا يۇقىرىقى سۇيۇقلۇقلار ئىختىيارسىز ھالدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېقىپ كېتىدۇ.
    سەۋەبى: ئاساسەن جىنسي ئەزەلارنىڭ تۇتۇش كۈچى ئاجىزلىسا، بۆرەك ئاجىزلاپ ئورۇقلىسا ياكى مەنى سۇيۇقلۇقى كۆپىيىپ كەتسە، روھىي ئامىللار ياكى غەيرىي تەبىئىي ئسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك ۋە قۇرۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ جىنسي ئەزالارغا تەسىر قىلىش ئەھۋالى يۈز بەرسە مەركۇز كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. قالغان سەۋەبلىرى مەنى تېز كېتىش كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى