تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
قىزىل رەڭلىك سۈيدۈك

قىزىل رەڭلىك سۈيدۈك

يوللانغان ۋاقىت 2015/2/18 21:30:15  كۆرۈلىشى:872 قىتىم

قىزىل رەڭلىك سۈيدۈك: سۈيدۈكنىڭ قىزىل بولۇشى سرېىق بولغىنىغا نىسبەتەن تەبىئىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى سۈيدۈكنىڭ قىزىل بولۇشى قان خىلىتىنىڭ (ھۆل ئىسسىق) كۆپلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ، قان خىلىتى خىلىتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، ئادەم ھاياتلىق قان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سۈيدۈكنىڭ قىزىل، ئەمما سۇيۇق بولۇشى خىلىت (ماددا) نىڭ خاملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كېسەللىك ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. قىزىل سۈيدۈكتە چۆكمە بولمىسا بەدەندە قۇرۇقلۇقنىڭ كۆپلۈكى، تەبىئەتنىڭ ناچارلىقى، قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ماددىنىڭ كۆپلۈكىنى ھەم جىگەردە ئىششىق بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قىزىل رەڭلىك سۈيدۈكتە ئاق چۆكمە بولسا، بۇ ساغلاملىقنى بىلدۈرىدۇ. سچۆكمىنىڭ قىزىللىقى كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قىزىل رەڭلىك سۈيدۈككە سەپرا خىلىتى قوشۇلغان بولسا خىلت كۆيگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئىككى خىل ئىسسىقلىق بىرىكسە ھارارەتنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال بەزىدە كېسەل كىشى تېز تەرلەپ ساقىيىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قىزىل رەڭلىك سۈيدۈك تامچىلاپ كەلسە ھەمدە قويۇق ھەم سېسىق بولسا، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە ماددىنىڭ خاملىقىنى كۆرسىتىدۇ. سېسىقلىق تەبىئەتنىڭ مەغلۇپ بولۇپ كېسەللىكنىڭ غالىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ياكى بۆرەكتە يىرىڭلىق ئىششىق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈيدۈك قىزىل، سۇلۇق بولۇپ، ئاشقازان ئاجىز، بەدەندە قىچىشىش بولسا يەرقان (سېرىق كېسەل) باشلانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. قىزىل سۈيدۈك ئۈستىدە سېرىق كۆپۈك بولسا ياكى سېرىق چۆكمە بۇلۇتتەك بولۇپ، سۈيدۈك تېگىدە تۇرسا كېسەللىك ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھارارەتلىك كېسەللىكلەردە سۈيدۈك قىزىل بولسا جىگەر ئىسسىقلىقىنىڭ ئارتۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. سۈيدۈك قىزىل بولۇپ، چوڭ تەرەت قۇرۇق بولسا، كۆكرەك كېسەللىكلىرىدە بولۇپمۇ ئۆپكە سىلى پەيدا بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىۇ. بۇ بەزى ھاللداردا قان بىلەن بىرىكىپ كەلگەنلىكتىن بولۇپ، قان تومۇر دىۋارلىرى كېڭەيگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. بەزى قان خىلىتىدىن بولمىغان ئېغىر كېسەللىكلەردە، مەسىلەن: ئۈچەي تېشىلىش كېسەللىكىدە سۈيدۈك قىزىل كېلىدۇ، لېكىن بەزىلەر بۇنى قان خىلىتىنىڭ سەۋەبىدىن دەپ خاتا ئويلاپ قالىدۇ. جىگەر كېسەللىكلىرىدە سۈيدۈك ئومۇمەن قىزىل كېلىدۇ. سۇددە كېسەللىكلىرىدە (قان تومۇرلار توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە بۆرەك، دوۋسۇن تېشى كېسەللىكلىرى) دىمۇ سۈيدۈك قىزىل كېلىدۇ. بۇ سىل قىزىتمىسى (تەپى دىق) ۋە ئۈچەي سىلىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ياكى كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەم بۆرەك ئاجىزلىقى ھەم مايلارنىڭ ئېرىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە بۇ ۋاقىتتا كېسەلنىڭ ئىچ سۈرۈپ كېتىدۇ. بەلغەم خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەردە سۈيدۈكنىڭ قىزىللىقى بۆھران ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھەمدە تەرلەشنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ سۈيدۈكى قىزىل، قىزىق ۋە سۇيۇق بولىدۇ. بۆرەككە يېقىن بولغان ئەزالاردا ئىششىق بولغاندا سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ. سەۋەبى بۆرەكنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىندۇر.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى