تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
جىنسىي ئىقتىدارنى بىۋاستە كۈچلەندۈرگۈچى دورىلار (2)

جىنسىي ئىقتىدارنى بىۋاستە كۈچلەندۈرگۈچى دورىلار (2)

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/20 23:51:15  كۆرۈلىشى:3950 قىتىم

ئەل ئىچى رېتسىپلىرى


   (11) راك-كۈدە قۇرۇمىسى. راكتىن 300 گرام، كۈدە(جۈسەي)دىن 100 گرامنى بىرگە قۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، جىنسىي ئاجىزلقىنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
   (12) قوي گۆشىدىن 100 گرام، بۆرەكتىن بىر جۈپ ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ توغراپ، 12 گرام ئالقاتنى داكىغا ئوراپ، 100گرام گۈرۈچ بىلەن شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىستېمال قىلىشنى كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، بۆرەك ئاجىزلاشتىن بولغان زەكەر قايىم بولماسلىق كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
   (13) ئالقات يوپۇرمىقىدىن 250 گرام، قوينىڭ بۆرىكىدىن بىر دانە، قوي گۆشىدىن 60 گرام، سۇڭپىيازدىن ئىككى دانە، گۈرۈچتىن80-70 گرام ، تۇزدىن ئازمىقداردا ئېلىنىدۇ. ئالقات يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، سۈيىگە قالغان خۇرۇچلارنى سېلىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ تەمىنى تەڭشەپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلغاندا، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ زەكەر قايىم بولماسىلىق، ئاڭلاش سېىزىمى ئاجىزلاش، باش قېيىش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىقلارغا داۋا بولىدۇ.
   (14) دۇفۇ-لاتقىخور بېلىق قۇرۇمىسى.چوڭ لاتقىخور بېلىق(كوتۇڭ بېلىق)دىن 250 گرام،دۇفۇ 200 گرام، سامساقتىن ئىككى باش، پىيازدىن بىر باش، خام زەنجىۋىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېىلىنىدۇ، يەنە ھەرخىل تەم تەڭشىگۈچلەر تەييار قىلىنىدۇ. دۇفۇنى پۇرچاق مېيىدا قورۇپ ئاندىن بېلىق ۋە باشقا ماتىرىياللارنى سېلىپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا، زەكەر قايىم بولماسلىق كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   (15) توشقان زەدىكى قايناتمىسى. قوي گۆشىدىن 100 گرام، توشقان زەدىكىدىن 10 گرامنى پاكىز يۇيۇپ، توغراپ، 100گرام گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ، تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، ئەتىگەن ۋە ئاخشىمى ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە،بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشتىن كېلىپ چىققان ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   (16) كۈدە-جىگەر قورۇمىسى. 120 گرام جىگەرنى 100 گرام كۈدە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق، ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش ھەمدە نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قېلىش ۋە كېسەلدىن قوپقاندىن كېيىنكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   (17) كۆپ يوپۇرماقلىق قامچا ئوت(يىلتىز دورا قىلىندۇ)تىن 60 گرام، تۇخۇمدىن ئىككى دانە ئېلىنىدۇ. ئاۋۋال تۇخۇمنى پىشۇرغاندىن كېيىن، شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، دورا بىلەن قوشۇپ قاينىتىلىدۇ. بۇنى ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان ۋە مەنى ھاسىل قىلىدۇ. باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، چاچ-ساقاللار بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش، تولا ئېھتىلام بولۇش، قان ئازلىق ۋە قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ.
   (18) بۇرمىسىمان قۇلۇلىدىن 500گرام، ئاق ھاراقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىدۇ. ئاۋۋال قۇلۇلىنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، قازاندا قورۇپ، ئۈسىتىگە ئاق ھاراق قۇيۇپ ئازراق قاينىتىپ ئاندىن مۇۋاپىق مىقدرادا سۇ قۇيۇپ سۈيى ئاز قالغۇچە پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن قۇلۇلە گۆشىنى يىڭنە بىلەن كۆپ يېرىدىن سانجىپ تېشىۋېتىپ، تەم تەڭشىگۈچى دورىلارنى سېپىپ تەمىنى ئوبدان تەڭشەپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسسقىنى ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مەنىنى تۇراقلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، سۈيدۈك ئاق دۇغ ھالەتتە كېلىش ياكى راۋان كەلمەسلىك، مەنى ئاقمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   (19) ياڭاق-كۈدە قورۇمىسى. 50 گرام ياڭاق مېغىزىنى مايدا قورۇپ سارغايتىپ، ئۈستىگە پاكىز يۇيۇپ توغرالغان 150 كۈدىنى سېلىپ قورۇپ، تەمىنى تەڭشەپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن غىزا بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بۆرەككە قۇۋۋەت قىلىپ، زەكەر قايىم بولماسىلىققا شىپا بولىدۇ.
   (20) كۈدە ئۇرۇقى تالقىنى. كۈدە ئۇرۇقىنى قورۇپ، يانجىپ تالقانلاپ،ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئاخشىمى ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سېرىق ھاراق بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ.
   (21) ياڭاق-ئالقات شوۋىگۈرۈچى . 100 گرام ياڭاق مېغىزىنى يانجىپ، پاكىز يۇيۇلغان 30 گرام ئالقات ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈرۈچ بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ، ئىستېمال قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە، مەنىنىڭ ھاسىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان سېپىرما غەيرىلىكى، جىنسىي نېرۋا ئاجىزلىقى، ئاز-ئازدىن تولا سىيىش ۋە ئاق دۇغسىمان سىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلەيدۇ.
    (22) بۇغا مۈڭگۈزى 3 گرام(كاپ ئېتىلىدۇ)، سېرىق يۆگەي 15 گرام، شەنيۈ(山臾) 15گرام، ياچىۋەك تۇخۇمى 10 گرام، جىنكېۋىزى 10 گرام، چۆپچىن15 گرام. سۇدا قاينىتىلىپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئىچىلىدۇ. بۇ رېتسىپ بەل-پۇت ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئۆزلۈكىدىن تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلگەن ۋە ئۆزلۈكىدىن تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلگەن زەكەر قايىم بولماسلىق ياكى ياخشى قايىم بولماسىلىقنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
   (23) پارپا 10 گرام، قوۋزاقدارچىن 2 گرام، پىششىق ئەگرى سۇناي 20 گرام، ئېۋكوميا قوۋزىقى 2گرام(杜仲) گرام، شەنيۇ 10 گرام، پىچەكگۈل 10 گرام، چۈچۈك بۇيا 3 گرام، ئالقات 20 گرام، داڭگۈي 10 گرام، بۇغا مۈڭگۈزى يىلىمى 10 گرام، سېرىق يۆگەي 10 گرام. سۇدا قاينىتىلىپ، كۈندە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بېرىلىدۇ. بۇ رېتسىپ بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلاش ھەمدە كىچىك تەرەت ئاق ۋە كۆپ كېلىش، باش ۋە قۇلاق غۇڭۇلداش، بەل-پۇت ئاغرىش، پۇت-قول مۇزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر ياكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن جىنسي ئاجىزلىققا يەنى زەكەر قايىم بولمايدىغان بىمارلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
    (24)قان تېپەر 15گرام، بەيجۇ 10 گرام، چىنىچۆپ 15 گرام، پىچەكگۈل 10 گرام، يېسىمۇق 10 گرام 10 گرام، نىلۇپەر شېخى 10 گرام، چوڭ چىلان 10 تال، تۈكلۈك قاقىلە 10 گرام،پىشقان جۈيزى پوستى(陈皮) 6گرام، شىيەن لىڭپى 10 گرام،جىنكېۋىزى 10 گرام، پىشىشقلانغان چۈچۈك بۇيا 5 گرام، قوڭغۇراقگۈل 10 گرام. سۇدا قاينىتىلىپ، كۈندە بىر قېتىمدىن ئىچىلىدۇ. بۇ رېتسىپ ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تازا ياخشى بولماسلىق، بەدەن ئورۇق،چىراي سېرىق، نۇرسىز بولۇش ھەمدە ئېغىز لاۋزا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر ياكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىز بىمارلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
    (25) ئادەمگياھ10 گرام، ئالقات 3 گرام، قوينىڭ چوققىسى بىر دانە، دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. ب ۇرېتسىپ تېز-تېز نەپەسلىنىش، ئىچى سىقىلىش، تېىل كۆكۈش سېمىز بولۇش ۋە پۇت-قول مۇزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلگەن زەكەر قايىم بولماسلىققا ئىشلىتىلىدۇ.
   (26) تاۋۇزنى سىقىپ، سۈيى ئىچىلىدۇ. بۇ جىگەرنىڭ ھاراراىتى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش ئېسىلىپ ئاغرىش، يۈز ۋە كۆز ئقىزىرىپ كېتىش، ئىچى سىقىلىپ ئاسان ئاچچىقلىنىش، كچىك تەرەت سېرىق كېلىشۋە بەزىدە سەل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلگەن زەكەر ياخشى قايىم بولالماسىلىققا ئىشلىتىلىدۇ.
قوينىڭ بۆرىكى ئىككى دانە، توشقان زەدىكى 30 گرام، بۇنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، زەنجىۋىل ۋە تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىشىنى داۋاملاشتۇرغاندا، بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلاشتىن بولغان جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
   (27) ئاق قۇشقاچتىن ئىككى دانە(تازىلىنىدۇ)، سېرىق يۆگەي، ئالقاتنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلاشتىن بولغان جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەش، سېپىرما بالدۇر كېتىش، پۇت-قول مۇزلاپ ئاغرىش ۋە كىچىك تەرەت كۆپ كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئالامەتلىرىنى يوقىتىدۇ.
    (28) 250 گرام سېمىز گۆشكە قۇشقاچنىڭ تۇخۇمىدىن بەش دانىنى قوشۇپ پىشۇرۇپ، تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تال ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىقتىن پەيدا بولغان جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.


دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى