تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
ھەيزنىڭ مىزاج بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەيزنىڭ مىزاج بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/20 23:38:55  كۆرۈلىشى:913 قىتىم

1. قان مىزاجلىق ئاياللاردا ھەيز قېنىنىڭ رەڭگى قېنىق قىزىل بولۇپ، ھەيز جەريانىدا ئاساسەن بەك چوڭ يېقىمسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ.
   2. سەپرا مىزاجلىق ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ھەيز قېنى ئۇچۇق بولۇپ، قورساق بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىدۇ، روھىي چۈشكىنلىشىش، گەپ- سۆز خالىماسلىق ئالامەتلىرى قوشۇپ كېلىدۇ. قان مىقدارى ئاز، ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار كۆپىنچە ئادەت قالايمىقانلىشتەك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ.
   3. بەلغەم مىزاجلىق ئاياللاردا ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە ھارغىنلىق، پۇت- قول ئېغىرلىشىش، قورساق ئېسىلىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ھەيز قېنى تەركىبىدە بالىياتقۇ ۋە جىنسىي يول شىلىمشىقلىرى جىقراق بولغاچقا، قاننىڭ رەڭگى سەل سۇسراق كېلىدۇ. قان مىقدارى ئانچە كۆپ بولمايدۇ.
   4. سەۋدا مىزاجلىق ئاياللار ھەيز كۆرگەندە ئۇيقۇسى قېچىش، تاماق خالىماسلىق، پۇت- قول ۋە بەللىرى تېلىپ ئاغرىش، ئوڭاي ئاچچىقلىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەسەبىي روھىي ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ھەيز قېنىنىڭ رەڭگى قارامتۇل، قويۇق، كاللەك كېلىدۇ. ھەيز قېنى كەلگەندە بالىياتقۇ بوينىدا ھېچقانداق غەيرى ھادىسە بولمايدۇ. ئەمما ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ. بەزىدە ھەيزدار ئايال ياكى قىز تىترەپ كېتىدۇ ھەم قورساق ئاغرىقىغا چىدىماي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كەلگەن خۇن سېسىق پۇرايدۇ.
    ئابابەكرى راخماننىڭ ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كېتابىدىن ئېلىندى.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى