تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ شەلۋەرەپ قېلىشى

جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ شەلۋەرەپ قېلىشى

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/20 23:41:31  كۆرۈلىشى:998 قىتىم

 بۇ جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ شەلۋەرەپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
    سەۋەبى: بۇ ئاساسلىقى ئات مىنىش، ئۇرۇلۇش- سوقۇلۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە قىيىن تۇغۇت قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ماڭغاندا، تۇرغاندا، ئولتۇرغاندا يەرلىك ئورۇن ئاغرىيدۇ. ئېچىشىدۇ. ئەگەر زەخمە چوڭراق بولسا ئىككى لەۋ ئۆز ئارا چاپلىشىپ قالىدۇ.
    داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىش ھەمدە چاپلىشىپ قالغان بولسا ئايرىۋېتىش بىلەن بىرگە يەرلىك ئورۇننى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش ھەمدە ئۇپا سېپىش كېرەك.
    يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
    1. رېتسىپ: ئانارگۈلى، قىزىلگۈل، ئىكلىمىلىك ۋە ئانار پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، ئاندىن ئۈستىگە گۈل يېغى قوشۇپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلىپ بېرىلسا، ياللۇغ قايتۇرۇپ، قان توختىتىدۇ. ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.
    2. رېتسىپ:چىنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ سۈرتۈپ برسە ياكى سۇدا قاينىتىپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋپىق مىقداردا ئېلىپ، ئاغرىق ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
    3. رېتسىپ: بابۇنە، شومشا ۋە ئاق لەيلىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، ئەھۋالغا قاراپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بىرىلسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
    4. رېتسىپ: يەرلىك شوىلا ۋە ئەفتىمۇندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
    5. رېتسىپ: ئانار پوستىدىن 50 گرام، مامىرانچىنى، ئەمەن يوپۇرمىقى ۋە كاۋاۋىچىندىن 30 گرامدىن، كۇشتە قىلىنغان زەمچىدىن 40 گرام ئېلىپ، دورىلارنى ئېلىپ چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى دورا قاينىتىلمىسىدا يەرلىك ئورۇننى ھورلاندۇرۇپ ۋە يۇيۇپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، قان توختىتىدۇ، ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، ھوردا پىشۇرۇلغان نان ۋە تۇخۇم قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
    ئابابەكرى راخماننىڭ ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كېتابىدىن ئېلىندى.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى