تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشى

جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشى

يوللانغان ۋاقىت 2015/2/19 11:45:00  كۆرۈلىشى:1766 قىتىم

بۇ جىنسىي ئەزانىڭ ئىككى لېۋى تۇتۇشۇپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر چاپلىشىش ئېغىر دەرىجىدە بولسا ھەيز كېلىشمۇ توختاپ قالىدۇ. سەۋەبى: بالىلىقتا جىنسىي ئەزا ئېچىشىشنىڭ شىكايىتى بولۇش، جىنسىي ئەزادىن چاپلاشقاق سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېقىپ تۇرۇشى ۋە جىنسىي ئەزا تازىلىقىنى ياخشى بولماسلىق، جىنسىي ئەزا لەۋلىرى زەخمىلىنىپ يىرىڭ ئېقىپ لەۋلەرنىڭ ئۆزئارا چاپلىشىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇشى، يەرلىك ئورۇندىكى شورىغۇچى تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى ۋە باشقىلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: جىنسىي ئەزانى كۆرگەندە جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنىڭ چاپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. داۋالاش پىرىنسىپى: بارماق بىلەن چاپلاشقان جىنسىي ئەزا لەۋلىرىنى ئاستا ئايرىۋېتىش، ئەگەر بەك مەھكەم چاپلىشىپ قالغان بولسا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئوتتۇرىسىدىن تىلىپ ئايرىش، ئەگەر لەۋلەر ئوتتۇرىسىدا يالغان پەردە شەكىللەنگەن بولسا ئۇنىمۇ تىغ بىلەن كېسىۋېتىش ھەمدە ئىككى لەۋنى ئايرىم - ئايرىم قىلىپ تېڭىۋېتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇتقۇچى دورىلار بىلەن ۋاننا قىلىش، ئۇپا بېسىش ۋە زىماد تەييارلاپ تېڭىش كېرەك. يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 1. رېتسىپ: زەمچىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم يەرلىك ئورۇن ھوردىتىپ بېرىلسە، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ ئارتۇق گۆشنى يەيدۇ. 2. رېتسىپ: بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، بىنەپشە، ئەفتىمۇن، ئانار گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇن ھوردىتىپ بېرىلسە، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، قان توختىتىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، تۇخۇم قاتارلىق غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئابابەكرى راخماننىڭ ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كېتابىدىن ئېلىندى.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى