تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
ئۇزۇن ۋاقىت جىنسى مۇناسىۋەتتە يۇقىرى پەللىگە چىقماسلىق

ئۇزۇن ۋاقىت جىنسى مۇناسىۋەتتە يۇقىرى پەللىگە چىقماسلىق

يوللانغان ۋاقىت 2018/11/28 0:46:49  كۆرۈلىشى:2442 قىتىم

ئامرىكا فىزولوگىيە ئىلمى مۇتەخەسىسى بىر تۈركۈم سىتاستىكىلارنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ، جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولماسلىقى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىزلىق پەيدا بولىشىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . بىر ئادەم جىنسى ئىنتىلىشىنىڭ شۇنداق كۈچلۈك مەزگىلىدە تۇرغاندا ، ھەمدە بۇ خىل ئىنتىلىشنى سىرىتقا چىقىرالمىغاندا ، بۇ بەدەندىكى فىزولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، نېرۋا سېستىمىللىرىدا جىددىيلىشىش كۆرۈلۈپ ، ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ . بۇ خخل ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . مۇكەممەل بولغان جىنسى تۇرمۇش ياخشى بولغان ئۇيقۇغا پايدىلىق رول ئوينايدۇ .
جىنسى تۇرمۇشتىن كىيىن، جىددىيلەشكەن ، ھېسياتلانغان بەدەن ئۆزىنى ئەركىن قۇيۇپ بېرىدۇ ، مۇسكۇللارمۇ ئەركىن ھالەتتە بولىدۇ ، ئىچكى ھېسياتى تىنجىيدۇ ، بۇ خىل ئەھۋاللار تەبىئى ھالدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇيقۇنى شەكىللەندۇرىدۇ .
ئۇيقۇسىزلىقنىڭ پەيدا بولىشىدىن كېلىپ چىققان جىنسى مۇناسىۋەت قانائەتلىنەرلىك بولماسلىق ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ ، بىرى بولسا ئۇزۇن مەزگىل ھېسياتىنى كونتىرول قىلىپ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك ، يەنە بىرسى بولسا گەرچە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ تۇۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە جىنسى مۇناسىۋەتتە جىنسى يۇقىرى پەللىگە چىقماسلىق .‹ بولۇپمۇ كېيىنكىسىنى كىشىلەر ئۇڭايلا نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ ، ھەمدە بۇنىڭ خەتىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرىت ، داس بوشلۇقىنىڭ قان ئايلىنىشىدا نورمالسىزلىقلار كۆرىلىدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ بەلگىلىك تەسىرىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ .
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى