تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
ئەرلىك ئەزا چوڭ كىچىكلىكىنىڭ مۇناسىۋەتتىكى رولى

ئەرلىك ئەزا چوڭ كىچىكلىكىنىڭ مۇناسىۋەتتىكى رولى

يوللانغان ۋاقىت 2018/11/28 0:50:26  كۆرۈلىشى:2870 قىتىم

دىيامىتىرى 5-6 سانتىمىتىردىن ئاشسا توملۇق جەھەتتىن چوڭ ھىساپلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 16 سانتىدىن ئاشسا ئۇزۇنلىقى چوڭ ھىساپلىنىدۇ.  دىيامىتىرى 7-8 سانتى بوپ كەتسە ئايال كىشىگە بېسىم بولىشى مۇمكىن(ئاتنىڭمۇ شۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەس). چۈنكى بالا تۇغۇلغان چېغىدىمۇ باش قىسمىنىڭ دىيامىتىرى 10-12 سانتى بولىشى مۇمكىن.  شۇ  چىقىپ بولغىچە قانچىلىك ئاغرىق تارتىدىغانلىقىنى ئاياللار ئۆزلىرى بىلىدۇ. 
ئاياللارنىڭ جىنسىي ئېغىزىدىن بالىياتقۇ ئېغىزىغا(ھىسسىياتى قوزغالغان چېغىدا ) 10-12 سانتى بولىدۇ.  شۇڭا، 10-15 سانىتىغىچە بولغىنى ئۇزۇنلۇق جەھەتتىن ئەڭ نورمال، جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى بولغاچقا، توملىقى 3.5-5 سانتىغىچە بولغىنى ئەڭ نورمال ھىساپلىنىدۇ. 
لېكىن، ئايال كىشىنىڭ بەستى ۋە جىنسىي ئەزاسى چوڭ بولسا 5-6 سانتىلىق توملۇقتىكى بولسا نورمال بولىشى مۇمكىن.  
قانداقلا بولمىسۇن، ئەشۇ بار نەرسىدىن پايدىلىنىپ ھەر ئىككى تەرەپ قانائەت قىلغىدەك مۇناسىۋەت قىلغىلى بولىدۇ. 
ئەرنىڭ ئالاھىدە چوڭ بولسا،  خۇتۇن ئالماقچى بولغاندا سەل قاراپراق تاللىغىنى ياخشى.  بەك كىچىكنى ئەۋېلىپ ماسلىشالماي قىينىلىپ قېلىشى مۇمكىن. 
زەكەر قايىم بولغاندا توملىقى 3 سانتىدىن ئاشسا، ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىدىن ئاشسا ئاياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسىگە ماس كېلىۋېرىدۇ.  
تىما ئىگىسى دىگەندەك ئېرىنىڭ بەك چوڭ بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى ئايالنىڭ ھىسسىياتىنى قوزغاشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئايالى ئاغرىق ھىس قىلىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن قاچىدىغان روھىي كەيپىياتتا بوپ قېلىشى مۇمكىن. 
بۇ يەردە بەكرەك ئەسكەرتىدىغان ئىش شۇكى، سىزنىڭ قانچىلىك بولسىمۇ، ئەر-خۇتۇن ماسلىشىشقا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ماسلىشىپ ئىناقلىشىپ كەتكىلى بولىدۇ. 
تالادىكىلەرنىڭ قانداق بولغىيدى؟ دەپ كۆڭۈل تالاغا قاراشتىن ساقلىنىش لازىم. 
ئادەمنىڭ بەخت تۇيغۇسى پەقەت جىنسىي غىدىقلاشقا قاراشلىقلا ئەمەس، بەلكى پاكلىق، ۋە شۇ ئاساسدىكى مۇھەببەت بىلەن بەخت تۇيغۇ بولىدۇ.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى