تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
نىمە ئۈچۈن ياش ئەرلەرنىڭ 50%دە مەنى بالدۇر كېتىش كۆرىلىدۇ

نىمە ئۈچۈن ياش ئەرلەرنىڭ 50%دە مەنى بالدۇر كېتىش كۆرىلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت 2018/11/28 0:51:33  كۆرۈلىشى:1793 قىتىم

مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كىتىش ئەرلەر كىسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان،بۇلۇپمۇ ياش ئەرلەرنىڭ %30-%50 نى ئىگەللەيدىغان،كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان،داۋالاش قىيىن بولغان،ئائىلە،جەمىئيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا، ئائىلىنىڭ بەخىتىلىك بۇلۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان كىسەللىكلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ،سەۋەپلىرى ھەرخىل ،بەزىلىرى خىزمەت  ۋەھەرخىل تۇرمۇش بېسىمى سەۋەپلىرىدىن  بولسا، بەزىلىرى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشاش ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇزۇقلۇق ،يىمەك -ئىچمەك ئارقىلىق كىسەل داۋالاش ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئگە بۇلۇپ، كىسەللەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بۇھەقتە بۈيۈك ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ؛(ئېغزدىن كىرىدۇ ئاش بىلەن كىسەل،قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋۋەل .) دەپ كىسەللەكنىڭ ئىغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى ، قەيىت قىلغان، بىزنىڭ بۇ بېھىش سۈپەت زىمىنىمىزدا، سان-ساناقسىز شىپالىق گياھ ،كۆكتات، مىۋە-چىۋىلەر دىن باشقا ئەنئەنىۋى شىپالىق مىللى تائاملىرىمىز مۇ كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپ،ھىساپلىنىدۇ. تۈۋەندە بۇلاردىن بىرقانچىنى تۇنۇشتۇروپ ئۆتىمەن.

1.كاۋاپلار:كاۋاپلارنىڭ تەبىئىتى ئاساسەن قۇرۇق ئىسسىق بۇلۇپ، قۇشقاچ،باچكا،ياۋا توشقان، پاقلان، ئوغلاق گۆشلىرىنى ، تۇز ، زىرە ، يۇلغۇن يېلىمى قاتارلىق خۇرۇچلار  بىلەن قىلغان ، ھەرخىل ئۇسۇلدا پۇشۇرۇلغان كاۋاپلا، باھنى كۈچەيتىپ، مەنىي بالدۇر كىتىشكە شىپالىق بۇلۇپ بۇخىل كاۋاپلار ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ،باھنى قوزغايدۇ،قاننى قىزىتىپ مەنىينى قۇيۇلدۇرىدۇ، بەدەندە ئىسسىقلىق ئىنىرگىيەسى پەيداقىلىپ،بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بەدەندە ھۆل سۇغۇق ئېشىپ كىتىشنى تىزگىنلەپ،سۇيدۈكنى ئازايتىدۇ.

2. پولو: پولو ئەتكەندە ئىشلەتكەن ماي پولونىڭ تەبىئىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل، كەندىر يېغى، زېغىر يېغى، قىچا يېغى، زاغۇن يېغى، ئىشلىتىپ ،نۇقۇت، توشقان گۆشى، كەپتەر گۆشى، پاقلان گۆشى، قوتاز گۆشى، قۇشۇپ ئېتىلگەن پولونىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بۇلۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بۇلۇپ، مەنىي تۇتۇش، مەنىنى قۇيۇلدۇرۇش، تەسىرى ئىنتايىن ياخشى. بۇخىل پولو مىجەزى سۇغۇققا مايىل كىشىلەردىكى مەنى بالدۇر يۈرۈپ كىتىشكە، ياخشى داۋا ھەم ئۇزۇقلۇق بۇلۇپ بەدەننى قۇۋەتلەپ، باھنى قوزغىتىدۇ.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى