تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
مەزى بېزى قانداق يوللار بىلەن يۇقۇملىنىدۇ؟

مەزى بېزى قانداق يوللار بىلەن يۇقۇملىنىدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت 2018/11/28 0:55:05  كۆرۈلىشى:924 قىتىم


1.    قان ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. بەدەننىڭ يۇقۇملاندۇرۇش ئوچىقىدىكى باكتېرىيىلەر قان بىلەن بىللە مەزى بېزىگە كىرىدۇ.
2.    لىمفا سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى ۋە بوغماق ئۈچەيدىكى ياللۇغ لىمفا كانىلى ئارقىلىق مەزى بېزىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

3.    بېۋاستە كېڭىيىدۇ. بۇ مەزى بېزىنىڭ يۇقۇملىنىشىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. تۆۋەنكى سۈيدۈك يولىدىكى يۇقۇملان باكتېرىيە مەزى بېزى نەيچىسى ئارقىلىق مەزى بېزىگە كېڭىيىدۇ: سۈيدۈك يولى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى (دوۋساق ئەينىكى، سۈيدۈك يولى ئەينىكى قاتارلىقلار) بىلەن تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش (سۈيدۈكنى سۈيدۈك يولى ئارقىلىق تارتىپ چىقىرىش، سۈيدۈك يولى ئارقىلىق دورا كىرگۈزۈش) قاتارلىق مەشغۇلاتلاردا دېزىنفېكسىيە قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنمىسا ۋە ئۈستۈنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغان بولسا، باكتېرىيە سۈيدۈك يولى ئارقىلىق مەزى بېزىگە كىرىدۇ. سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارمۇ سۈيدۈك يولى ئارقىلىق يۇقىرىغا يامراپ، مەزى بېزىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى