تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
زەكەر ۋە تاشاق ئاغرىش

زەكەر ۋە تاشاق ئاغرىش

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/21 0:55:19  كۆرۈلىشى:2752 قىتىم

زەكەر ۋە تاشاق ئاغرىش كۆپىنچە ئىسسىق، سوغۇق، يەل ۋە ھەرخىل سىرتقى زەخمىلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرى ۋە داۋاسى ئايرىم  ھالدا تۆۋەندىكىچە.

1. زەكەر ۋە تاشاق ئىسسىقتىن ئاغرىغان بولسا، ئۇنىڭدا ھارارەت پەيدا بولىدۇ ۋە كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ. بەزىدە كۆڭۈل ئايلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

1. زەكەر ۋە تاشاق سوغۇقتىن ئاغرىغان بولسا ئۇنىڭدا ھارارەت پەيدا بولىدۇ ۋە كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ. بەزىدە كۆڭۈل ئاينىش كېلىپ چىقىدۇ.

داۋالاشتا ھارەرەتنى سوۋۇتۇپ ئىششىق ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەرقى كاسىن، ئەرىقى ئەنگۇر شىپالارغا ئوخشاش دورىلار بېرىلىدۇ. سىرتىدىن كۆپ يۇمغاقسۈت سۈيى ۋە ھۆل قاپاق سۈيىگە ئازراق ئەپيۇن قوشۇپ ياكى كاپۇر قوشۇپ چېپىلىدۇ.

2. زەكەر ۋە تاشاق سوغۇقتىن ئاغرىغان بولسا يەرلىك ئورۇندا ھارارەت بولماي، يەڭگىل دەرىجىدە قۇلۇشۇپ ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاشتا قولۇشۇشنى تارقىتىپ ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن سىرتىدىن ئۆردەك مېيى، مېكىيان توخۇ يېغى، ئابدىمىلىك ياغلىرىنىڭ قايسى بىرى بولسا ئۇنىڭغا بىر ئاز پەرپىيۇن قوشۇپ ياغلاش كېرەك. ئىستېمال قىلىشقا گۈلقەنت بىرىلىدۇ. چايغا قوشۇپ دەملەش ئىچىش ئۈچۈن زەنجىبىل، قوۋزاق دارچىن بىرىلىدۇ.3. زەكەر ۋە تاشاق ئاغرىش يەلدىن بولغان بولسا، سەۋەبى كۆپىنچە  ھەرخىل يەللىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاغرىق يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. ئېغىرلىق بولماي، بەلكى تارتىشىپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

داۋالاشتا يەللەرنى تارقىتىپ ئاغرىقنى يوقىتىش ئۈچۈن بابۇنە، سۇزاپ، ئىكلىل مىلىك، يالپۇزلاردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، سۇزاپ يېغى ياكى ياسىمەن يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ ئازغىنە قۇندۇز قەھرى قوشۇپ سىرتىدىن ئىششىق بار جايغا چېپىش كېرەك.

4. زەكەر ۋە تاشاق ئاغرىش بەزىدە بىرەر ھادىسە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: سىرتتىن بىر نەرسە تىگىپ كېتىش، يېقىلىش ياكى ئۇشتۇمتۇت ئۇرۇلۇپ- سوقۇلۇپ كېتىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. يەرلىك ئورۇندا روشەن ھالدا زەخمىلىنىش ياكى ئىششىش، كۆكۈرپ قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاشتا سەۋەبىنىڭ ئېغىر يەڭگىللىگە قاراپ مۇۋاپىق قان ئېلىش، گۈل بىنەپشە، نېلوپەر، مارجان شوخلىسى، ئاق لەيلى يوپۇرمىقى قاتارلىق سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى سىرتىدىن يەرلىك ئورۇنغا تېڭىش لازىم.

دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى