تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى پىشۇرغۇچى دورىلار

غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى پىشۇرغۇچى دورىلار

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/27 12:35:15  كۆرۈلىشى:675 قىتىم

ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەبىئىي خىلىتلار مىقدارى جەھەتتە ئېشىپ كېتىپ، سان جەھەتتە غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىپ، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئەزالارنىڭ نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا غەيرىي تەبىئىي خىلىتنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى دورىلار ئادەتتە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. 1. غەيرىي تەبىئىي پىشۇرغۇچى دورىلار ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەپرا خىلىتى مىقدارى جەھەتتە ئېشىپ كېتىپ، سان جەھەتتە ئۆزگىرىشن يۈز بەرگەندە، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل دورىلار غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ.مەسىلەن: مەتبۇخى مۇنزىج سەپرا Ⅰ، مەتبۇخى مۇنزىج سەپرا Ⅱ، مەتبۇخى مۇنزىج سەپرا Ⅲ، مەتبۇخى مۇنزىج سەپرا Ⅳ، مائۇلئۇسۇل مۇنزىج، قىزىلگۈل شەربىتى Ⅰ قاتارلىقلار. 2. غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورىلار ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتىدا سان جەھەتتە ئۆزگىرىشن يۈز بېرىپ، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل دورىلار غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى مۇنزىج بەلغەم Ⅰ، مەتبۇخى مۇنزىج بەلغەم Ⅱ، مەتبۇخى مۇنزىج بەلغەم Ⅲ، مەتبۇخى مۇنزىج بەرەس Ⅰ، مەتبۇخى مۇنزىج بەرەس Ⅱ، مەتبۇخى مۇنزىج بەرەس Ⅲ، مەتبۇخى مۇنزىج بەرەس Ⅳ، مەتبۇخى بەرەس قاتارلىقلار. 3. غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورىلار ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەۋدا خىلىتىدا سان جەھەتتە ئۆزگىرىشن يۈز بېرىپ، ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل دورىلار غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى مۇنزىج سەۋدا، شەربىتى ئۈستقۇددۇس Ⅰ، شەربىتى ئۈستقۇددۇس Ⅱ، خېمىرى گاۋزىبان ساددە، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبەر، مەجۈنى نۇجاھ Ⅰ، مەجۈنى نۇجاھ Ⅱ، شەربىتى بادرەنجى بۇيا، شەربىتى گاۋزىبان Ⅰ، شەربىتى گاۋزىبان Ⅱ، شەربىتى بادرەنجى بۇيا Ⅰ، شەربىتى بادرەنجى بۇيا Ⅱ، شەربىتى گاۋزىبان Ⅲ، مەتبۇخى سۆرۈنجان Ⅴ قاتارلىقلار.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى