تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
قان تازىلىغۇچى دورىلار

قان تازىلىغۇچى دورىلار

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/27 12:44:08  كۆرۈلىشى:860 قىتىم

قان تازىلاش تەسىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قان تازىلىغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ. ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قان خىلىتىغا سۈپىتى ئۆزگەرگەن غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار ئارىلىشىپ قېلىپ، قان بۇزۇلۇش، قان ئوفۇنەتلىنىش، قانغا ھەر خىل جاراسىملار قوشۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، ئورگانىزمدا تۈرلۈك كېسەللىكلەر(سۆزنەك، سىبلىس، جوزام، تەمرەتكە، قىچىشقاق، نەزلە، مالىخۇلىيا، يىرىڭلىق چاقا، بوغۇملار ئاغرىش، سۇلۇق ئىششىق، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، ھەر خىل ئۆسمە، بەرەس، بەھەق، تۈرلۈك لىمفا كېسەللىكلىرى، رېماتىزم، ناسور قاتارلىق قان بۇزۇلۇشقا ئالاقىدار كېسەللىكلەر) پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، قان بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولغاچقا قان تازىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، سەۋەبىگە قارىتا تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. قان تازىىغۇچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق ياكى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇ خىل دورىلار قاندىكى يات ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىش، مىكرو ئورگانىزمنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش، قاننىڭ ساپلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قان زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق قان تازىلايدۇ، بۇ خىل خۇسۇسىيەتتىكى دورىلار قان تازىلىغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى چىلان Ⅰ، شەربىتى چىلان Ⅱ، شاھتەررە شەربىتى، ئەرقى شاھتەررە، مەجۈنى ئۆشبە Ⅰ، مەجۈنى ئۆشبە Ⅱ، ئىترىفىل شاھتەررە Ⅰ، ئىترىفىل شاھتەررە Ⅱ، ئىترىفىل چۆپچىن، ھەببى شاھتەررە، مەتبۇخى شاھتەررە Ⅰ، مەتبۇخى شاھتەررە Ⅱ، مەتبۇخى شاھتەررە Ⅲ، مەتبۇخى چۆپچىن، مەتبۇخى ھېلىلە Ⅰ، مەتبۇخى ھېلىلە Ⅱ، مەتبۇخى خىيارشەنبەر Ⅲ ھەمدە مەتبۇخى شاھتەررە، مەتبۇخى ھېلىلە، مەتبۇخى سانا، مەتبۇخى چىلان، ئۆشبە شەربىتى، سۇپۇپى ئۆشبە، مەجۈنى ئۆشبە Ⅱ، مەتبۇخى سانا Ⅱ، قۇرسى خىيارشەنبەر، شەربىتى چىلان Ⅰ قاتارلىقلار.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى