تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
قان كۆپەيتكۈچى دورىلار

قان كۆپەيتكۈچى دورىلار

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/27 12:54:29  كۆرۈلىشى:872 قىتىم

قان مىقدارىنى كۆپەيتكۈچى دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قان كۆپەيتكۈچى دورىلار دېيىلىدۇ. ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر(ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئىشلىگۈچى ئەزالار خىزمىتىنىڭ زەئىپلىشىشى، ھەر خىل قاناشلار تەسىرىدىن كۆپ قان يوقۇتۇش، ئىستىفراغنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىقلار) دىن بەدەندە قان ئازلىق بولىدۇ. قان ئازلىق كېلىپ چىققاندا چىرايى تاتىرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، مۆچىلەر ئىسسىماسلىق، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇخىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. قان ئازلىقنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولغاچقا، سەۋەبىگە ئاساسەن قان كۆپەيتكۈچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. قان كۆپەيتكۈچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق ياكى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇ دورىلار ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قان ئىشلىگۈچى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، قان كۆپەيتىدۇ. بۇنداق دورىلار قان كۆپەيتكۈچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى ئانار، شەربىتى ئانار مۇرەككەپ، شەربىتى خۇبسۇلھەدىد، گىلاس شەربىتى، ئۈزۈم مۇرابباسى، ئەرقى مائۇللەھمى مۇرەككەپ، مەجۈنى خۇبسۇلھەدىد Ⅰ، مەجۈنى خۇبسۇلھەدىد Ⅱ، جاۋارىش خۇبسۇلھەدىد قاتارلىقلار.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى