تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار

ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/27 12:55:10  كۆرۈلىشى:931 قىتىم

ياللۇغ قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ. ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئورگانىزمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئەزالارنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلىسا، سىرتقى مۇھىتتىن كەلگەن ياكى ئۆز بەدەندىكى كېسەل پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتى يۇقىرىلاپ، يەرلىك ئورۇننى ياكى ئومۇمىي بەدەننى ياللۇغلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمدا تۈرلۈك ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر(سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ۋە كانايچە ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، سۆزنەك، سىبلىس، سۈت بېزى ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، زۇكام، نەزلە، قىزىتما، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار) پەيدا بولىدۇ. بۇنداق كېسەللىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالمىغاندا يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. يااللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنىڭ تۈرى ھەر خىل بولغاچقا، كېسەللىكلەرگە ئىشلەتكەندە، مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق ياكى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، بۇ خىل دورىلار ياللۇغ قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، قان تازىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق ياللۇغ قايتۇرىدۇ. بۇخىل خۇسۇسىيەتتىكى دورىلار ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى كاكىنەچ Ⅰ، شەربىتى تەرخەمەك، شەربىتى كاكىنەچ Ⅱ، مارجان شوخلا شەربىتى Ⅰ، مارجان شوخلا شەربىتى Ⅱ، ئۆشبە شەربىتى، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چۆپچىن، ئەرقى كاكىنەچ، سۇفۇپى ئۆشبە، سۇفۇپى ھىرقەتۇلبەۋىل، مەجۈنى ئۆشبە Ⅲ، مەجۈنى چۆپچىن Ⅰ، ھەببى بانادۇق، قۇرسى كاكىنەچ، قۇرسى بانادۇق Ⅰ، قۇرسى بانادۇق Ⅱ، قۇرسى بۇزۇرى Ⅰ، قۇرسى بۇزۇرى Ⅲ، قۇرسى بانادۇق بۇزۇرى، قۇرسى بانادۇق سوزاك، نۇتۇلى ئەسەم، نۇتۇلى گۈل، گۈل يېغى، رەۋغىنى موم Ⅳ، زىماتى شۇمشا، زىمادى بابۇنە، زىمادى شۇمشا Ⅰ، زىمادى سىركەنجىۋىل Ⅰ، زىمادى بېنەپشە، زىمادى زىغىر، زىمادى ئاق لەيلى، زىمادى باقىلە Ⅰ، زىمادى باقىلە Ⅱ، زىمادى بابۇنە Ⅰ، زىمادى بابۇنە Ⅱ، زىمادى گۈل، مەتبۇخى سۆرۈنجان بارىد، سىركەنجىۋىل ساددە Ⅱ، مەتبۇخى سانا Ⅰ، مەتبۇخى سانا Ⅱ، سىركەنجىۋىل كەرەپشە، مۇنزىچ دانچىسى ھەمدە مەتبۇخى مۇنزىچ سەپرا Ⅱ، مەتبۇخى مۇنزىچ سەپرا Ⅲ، مەتبۇخى ئەينۇلا، شەربىتى چىلان، مەجۈنى ئۆشبە Ⅰ، مەجۈنى ئۆشبە Ⅱ، ئىترىفىل چۆپچىن، مەتبۇخى چۆپچىن، مەتبۇخى بىنەپشە، سۇفۇپى مەسانە، مەجۈنى چۆپچىن Ⅱ قاتارلىقلار.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى