تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار

قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/27 12:55:54  كۆرۈلىشى:832 قىتىم

قىزىتما قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ. ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەدەندە خىلىتسىز، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش يۈز بېرىپ ئورگانىزمنىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ «تەبىئەت» ئاجىزلاش نەتىجىسىدە كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزم قانغا ئۆتۈپ، قاننى ئوفۇنەتلەندۈرۈشىدىن بەدەندە تېمپېراتۇرا تەڭشەش مەركىزىنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇپ، قىزىتما پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بەدەن ھارارىتى نورمال چەكتىن يۇقىرى بولۇش، باش ئاغرىش، پۇت-قول ئاغرىش، ئومۇمىي بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش، كۆپ ئۇسساش، يۇتقۇنچاق قىزىرىپ ئىششىش، قىزىل، سىزلام، يۆتەل، نەپەس سىقىلىش، ئۆپكە سىلى، گۆرەنبەز سىلى، ھەر خىل ئۆسمە، سۈت بېزى ياللۇغى، تېرە ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش…دەك تۈرلۈك كېسەللىككە ئالاقىدار ئالامەتلەر بايقىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، قىزىتما داۋاملىق ئۆرلەپ كېتىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، ئىشلەتكەندە قىزىتمىنىڭ سەۋەبىگە قاراپ، تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولىدۇ. بۇ خىل دورىلار غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىپ زەھەر قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇپ، قىزىتما پەسەيتىشتەك خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق قىزىتما ياندۇرىدۇ. بۇنداق دورىلار قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: شەربىتى تەمرى ھىندى، شەربىتى ئەينۇلا مۇرەككەپ، شەربىتى لىمون، شەربىتى سەندەل، شەربىتى بىنەپشە، شەربىتى ئاپېلسىن، شەربىتى نېلۇپەر، غورا شەربىتى، قارىئۆرۈك شەربىتى، ئەينۇلا شەربىتى، قارىئۆرۈك مۇرابباسى، تەمرى ھىندى دەملىمىسى، مۇرەككەپ ئەينۇلا دەملىمىسى، ئەرقى بېدىمىشكى، ئەرقى نېلۇپەر، ئەرقى شاتۇت، سۇفۇپى دىق، ھەببى كاپۇر، قۇرسى سەندەل، مەتبۇخى بىنەپشە، سىركەنجىۋىل قابىز ھەمدە ئەرقى شوخلا، نۇتۇلى گۈل، زىمادى ئاق لەيلى، ھەببى تاباشىر مۇلەييىن، نۇر شەربىتى، مەتبۇخى سەرپىستان قاتارلىقلار.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى