تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
غىزا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى بىلەمسىز

غىزا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى بىلەمسىز

يوللانغان ۋاقىت 2015/2/19 12:21:56  كۆرۈلىشى:1107 قىتىم

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان يېمەك- ئىچىملىك غىزا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە غىزالار ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ: 1) غىزائي مۇتلەق (مۇتلەق ئوزۇقلىۇ رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر) 2) غىزائي داۋائى ( ئوزۇقلاندۇرۇش رولى ئاساس، دورىلىق رولى قوشۇمچە يېمەك- ئىچمەكلەر) 3) غىزائي غىزا (دورىلىق رولى ئاساس، ئوزۇقلاندۇرۇش رولى قوشۇمچە بولغان يېمەك- ئىچمەكلەر) 1. غىزائي مۇتلەق (مۇتلەق ئوزۇقلىۇ رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر) بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئويناپ، بەدەننى قوۋۋەت ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر غىزائي مۇتلەق دېيىلىدۇ. بۇ خىل ئۇزۇقلۇق غىزائى لەتىپ ۋە غىزائى غەلىز دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. 1) غىزائى لەتىپ: ئاسان سىڭىدىغان، يۇمشاق، سۇيۇق، ھەجىمى ئاز، قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك- ئىچمەك بولۇپ، ئالار يىلىتىلغان تۇخۇم سېرىقى، مائۇللەھمى ( گۆش سۈيى ياكى پارلاندۇرۇلغان گۆش سۈيى) ، قۇشقاش گۆشى، كەكلىك گۆشى، چۈجە گۆشى، ھەر خىل يېڭى مېۋە- چېۋىلەرنىڭ سىقىپ ئېلىنغان يېڭى سۇلىرى، شىرە گۈرۈش، ئاق ئاش (بۇغداي ئۇمىچى) ، سۈت، قايماق، سېرىق ماي، ياخشى پىشقان پاخلان گۆشى، پالەك، يېسىۋېلەك، پەمىدۇر، سۇڭپىياز قاتارلىق يېمەك- ئىچمەكلەردىن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ بۇيرۇپ بېرىلىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەردۇر. بۇ خىل يېمەك- ئىچمەكلىكلەر ئۆزى ئورۇق، سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر، كىچىك بالىلار، تېنى ئاجىزلار، ياشانغان كىشىلەر ياكى ھەزىم قىلىش خىزمىتى ياخشى بولمىغان بىمارلار ياكى ئۆتكۈر قىزىتمىلىق ئوفۇنەتلەنگەن، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ. لەتىپ غىزالار قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىپ غىزالار ۋە كۈچلەندۈرگۈچى لەتىپ غىزالار دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. (1) قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىپ غىزالار بۇنداق غىزالار ئوفۇنەتلىنىشتىن بولغان ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرگە بېرىلىدۇ.تۆۋەندە بۇ خىل غىزانىڭ بىر نەچچىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىمىز. ① شوۋىگۈرۈچ ماتېرىيالى: گۈرۈچ 100 گرام، ئەينۇلا ئۈچ دانە ياكى قارىئۆرۈك بەش دانە، چىلان 11 دانە، سامساق، سۇڭپىياز، پالەك، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلىنىشى: گۈرۈچنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قازاندا قاينىتىپ، گۈرۈچ يېرىم پىشقاندا ئەينۇلا، سامساق،سۇڭپىياز تۇز سېلىپ، ئاندىن چىلان، ئەڭ ئاخىرىدا پالەك سېلىنىدۇ. تەسىرى: ئىسسىقتىن، ئوفۇنەتلىنىشتىن بولغان ھەر خىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، جۇغ- جۇغ، باش ئاغرىش ئۇستىخان ئاغرىقلىرىنى يوقىتىدۇ. ② كاشكاپ ئېشى ماتېرىيالى: گۈرۈچ 70 گرام، كۆك ماش 30 گرام، چىلان 17 دانە، ئەينۇلا ئۈچ دانە ياكى قارىئۆرۈك يەتتە دانە، چۈجە گۆشى 20 گرام، سۇڭپىياز، سامساق، يۇمغاقسۈت، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلىنىشى: گۆشى مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇدا قاينىتىپ، تۇزى تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىن، گرۈچ بىلەن ماشنى سېلىپ يېرىم پىشقاندا ئەينۇلا، چىلان، سامساق، سۇڭپىياز سېلپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈت سېلىنىدۇ. تەسىرى: قان خىلىت ئوفۇنەتلىنىپ قىزىشتىن ۋە سەپرا خىلىتنىڭ ھەر خىل ياللۇغ خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتمىنى قايتۇرۇپ، ئۇسسۇزلىقنى پەسەيتىدۇ. بىئاراملىقنى يوقىتىپ، ھەر خىل ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ. ③ بۇغداي ئۇمىچى ماتېرىيالى: بۇغداي ئۇنى 50 گرام، توخۇ گۆشى 30 گرام، تۇز، كۆك چامغۇر، پەمىدۇر مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلىنىشى: توخۇ گۆشىنى ئۇششاق توغراپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا پىشۇرۇپ، تۇزنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇن ئارىلاشتۇرۇلغان ھالەتتە قاينىتىپ تۇرۇپ پىشۇلىلىدۇ، ئاخىرىدا كۆك چامغۇر بىلەن پەمىدۇر سېلىنىدۇ. تەسىرى: ھەر خىل ياللۇغلىنىشتىن بولغان قىزىتمىلىق كېسەللىكەرگە ئۇسسۇزلۇقنى يوقىتىپ، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، ھارغىنلىقنى چىقىرىپ بىئاراملىقنى يوقىتىدۇ. ④ قىيما شورپىسى ماتېرىيالى: پاقلاننىڭ قارا گۆشى 30 گرام، چۈجە گۆشى 50 گرام ياكى خاس چۈجە گۆشى 100 گرام، سۇڭپىياز، بىرباش سامساق، بىر دانە پەمىدۇر، كۆك يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلىنىشى: گۆشنى ئۇششاق توغراپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، قايناۋاتقان قازانغا سۇڭپىياز، سامساق، چامغۇر سېلىنىدۇ. تۇزنى تەڭشەپ تەييار بولغاندا ئۇششاق چانالغان يۇمغاقسۈتنى قازانغا سېلىپلا قازان چۈشۈرىلىدۇ. نىپىز كاكچا نان بىلەن يەيدۇ. تەسىرى: ئوفۇنەتلىنىشتىن بولغان ھەر خىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتما قايتۇرۇپ، ئۇستىخان ئاغرىقلىرى، باش، كۆز چاناق ئاغرىقلىرى، پۇت- قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ⑤ ئۈگرە ئاش ماتېرىيالى: ئاق ئۇن 200 گرام، قارا پاقلاننىڭ گۆشى 20 گرام، چامغۇر 100 گرام، سەۋزە 60 گرام، سۇڭپىياز 50 گرام، سامساق، پەمىدۇر، كۆك يۇمغاقسۈت، پىننە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلىنىشى: گۆشنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، يېرىم پىشقاندا، چامغۇر، سەۋزە سېلىنىپ راسا پىشقاندىن كېيىن، تۇزنى تەڭشەپ ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، سامساق، پەمىدۇرلارنى سېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قائىدە بويىچە ئۇششاق كىسىپ تەييارلانغان ئۇننى سېلىپ بىر ئىككى قاينىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇمغاقسۈت ۋە پىننە سېلىپ تەييارلىنىدۇ. تەسىرى: قىزىتمىلىق يۇقۇملىنىشتىن بولغان ياللۇغلىنىشلارغا چە جۇغ- جۇغ، توڭلاپ تىتىرەش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى، يۆتەل قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ. ⑥ ئارپا ئۇمىچى ماتېرىيالى: تاسقالغان ئارپا ئۇنى 50 گرام، توخۇ گۆشى 30 گرام، كۆك چامغۇر، سۇڭپىياز، پەمىدۇر، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلىنىشى: توخۇ گۆشىنى ئۇششاق توغراپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. قاينىغان ھالەتتە سۇڭپىياز، سامساق، پەمىدۇرلارنى سېلىپ، تۇزى تىڭشەلگەندىن كېيىن، تاسقالغان ئارپا ئۇنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇلغان ھالەتتە قازاننى قاينىتىپ تۇرۇپ، ئاخىرىدا كۆك چامغۇر سېلىپ تەييارلىنىدۇ. تەسىرى: ئوفۇنەتلىنىشتىن بولغان ھەر خىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتما قايتۇرۇپ سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ بىئاراملىقنى يوقىتىدۇ. يۇقىرقىلاردىن باشقا ھەر كىشىنىڭ خۇي- پەيلى، ئۆرپ ئادىتى، غىزالىنىش ئادىتى كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى يېمەك- ئىچمەك ماتېرىياللىرىدىن ھەجمى ئاز، سىڭىشى ئاسان، قورىماي تەييارلىنىدىغان ھەر خىل قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىپ غىزالار بېرىلىدۇ. ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ، تېرىق، ئارپا، ماش، كۆك پۇرچاق، كۆك ماش بىلەن تەييارلانغان پىنتوزا؛ لەڭپۇڭ، دۇفۇ قاتارلىقلار بىلەن تەييارلانغان قورىماي تەييارلانغان تائاملار. مېۋە تۈرىدىكى يېمەك- ئىچمەكلەردىن ئاچچىق ئانار، بېھى، غورا، لىمون،چىلان قاتارلىقلاردا تەييارلانغان شەربەتلەر؛ ئەينۇلا، قارىئۆرۈك، غۇرا، جىنەستە قاتارلىقلادا تەييارلانغان مۇراببالار؛ بىمەپشە گۈلى، رەيھان گۈلى، كۆكنار گۈلى قاتارلىقلاردا تەييارلانغان گۈلقەنتلەر. كۆكتات تۈرىدىكى يېمەك- ئىچمەكلەردىن يېسىۋىلەك، مايلىق يېسىۋىلەك، پالەك، سامساق، سۇڭپىياز، يۇمغاقسۈت، سەۋزە، پەمىدۇر، ئۇسۇڭ، تەرخەمەك، چامغۇر، ھۆل قاپاق، چەلەڭ، خەيدەي، تەكىيە كاۋا، موگۇ، دۇفۇ، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار بىلەن قورىماي تەييارلانغان ھەر خىل تاماقلار. گۆش تۈرىدىكى يېمەك- ئىچمەكلەردىن چۈجە گۆشى، توخۇ گۆشى ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان ئۆزى سۇيۇق، ھەجمى ئاز، قۇۋۋىتى يۇقىرى، يېمەك- ئىچمەكلىكلەر قوقاق ياندۇرغۇچى لەتىپ غىزالار تەركىبىگە كىرىدۇ.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى