تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
سەپكۈننى يۇقىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

سەپكۈننى يۇقىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت 2015/2/19 20:28:12  كۆرۈلىشى:2060 قىتىم

يۈزدىكى سەپكۈننى ئاسانلىقچە يوقاتقىلى بولمايدۇ . لېكىن تۇرمۇشتا ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە تارقىلىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ . لىمون سۈيى ۋە كالا سۈتى : تېرىسى مايلىق ياكى ئوتتۇراھال كىشلەر قەرەللىك ھالدا لىمون سۈيىگە كالا سۈتىنى قوشۇپ ، ئۇنىڭدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىپ ، پارقىراق قىلىدۇ. شوخلا سۈيى : بىر دانە شوخلىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق گلىتسېرىن قوشۇپ ئاندىن بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يۈزنى ھەر كۈنى 10–15 مىنۇت ئەتراپىدا يۇيغاندىن كېيىن ، ئىلىمان سۇ بىلەن تېرىنى چايقاپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇۋالسا بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى سەپكۈننى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەتتا سەپكۈننى يوقىتىدۇ . سەۋزە شىرنىسى : ئىككى قوشۇق سەۋزە شىرنىسىگە 20 تامچە لىمون سۇيى قوشۇپ ، كۈنىگە ئىككى–ئۈچ قېتىمدىن يۈزگە سۈرتۈپ ، 20–30 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . مامكاپ گۈلى سۈيى : بىر تال مامكاپ گۈلىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا چىلاپ ، سوۋۇغاندىن كېيىن ، مامكاپ گۈلىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە سەپكۈن ئورنىنى يۇيۇپ بەرسە ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيى: ھەر كۈنى يۈزنى يۇيغاندىن كېيىن ، لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيىنى بىر نەچچە قېتىم سەپكۈن ئورنىغا سۈرتۇپ ، بىر سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇ ئۇسۇلنى بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، سەپكۈننى يوقىتىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ . تۇرۇپ ۋە شوخلا ياپراقچىسى : يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۈپ ، ئاندىن يۈزگە بىر نەچچە پارچە تۇرۇپ ياكى شوخلا ياپراقچىسى چاپلاپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، سوغۇق كالا سۈتى بىلەن يۇيسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . ئادەتتە ئالما ۋە بىيە ياپراقچىسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ. يوپۇرماق مەلھىمى : خۇشبۇي كەرەپشىنىڭ يېشىل يوپۇرمىقىنى ئۇششاق چاناپ ، ئۇنى بىر ئىستاكان قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى–ئۈچ سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە سەپكۈننى يوقىتىدۇ . تىرناقگۈل يوپۇرمىقى شىرنىسى : تىرناقگۈل يوپۇرمىقىنىڭ شىرنىسىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، يۈزدىكى سەپكۈننى يوقىتىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى