تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
ھەسەلنىڭ سىرىتتىن داۋالاشتىكى ئاجايىپ رولى

ھەسەلنىڭ سىرىتتىن داۋالاشتىكى ئاجايىپ رولى

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/21 0:18:36  كۆرۈلىشى:1407 قىتىم

 ھىندى ئەپسانىلىرىدا ھەسەل ‹‹ئادەمنى خوشال قىلىپ قېرىتمايدىغان دورا››دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھازىر ھەممە ئۆيلەردە ھەسەل ساقلىنىدۇ ۋە ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەسەل  سىرتتىن داۋالاشقىمۇ كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ ۋە ناھايىتى ياخشى ئۇنۇم بېرىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا قەدىمكى مىسىرلىقلار ۋە گىرىكلار جەسەتنى ئۇزۇقراق ساقلاش ئۇچۇن جەسەتكە ھەسەل سۇۋايدىكەن. ئىنگىلىزلار ئىلگىرى يارا ئېغىزى ۋە ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى يارا ئېغىزىغا ھەسەل سۇركەپ قويىدىكەن. ھازىرقى زامان دورىگەرلىك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ھەسەل تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەبىئىي رىئاكتىپ ماددىلار مول بولۇپ زەھەر قايتۇرۇش، باكتېرىيگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نەملىك پەيدا قىلىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يارا يۇزىنى قوغداش، ھۇجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش سېرىق سۇنى سمۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن. لى شىجىن دورىلۇق ئۆسۇملۇكلەر قامۇسىدا ھەسەلنى كۆيۇك يارىسىغا سۇركەپ قويسا دەرھال ئاغرىق توختىتىدىغانلىقىنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ.
 
جاراھەت ۋە سىرىتقى زەخمىلىنىشنى داۋالاش
    ئاستا خاراكتېرلىك جاراھەت بولسا %10لىك ھەسەل سۇيى بىلەن جاراھەت پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن ساپ ھەسەلگە مىلەنگەن داكا جاراھەتكە چاپلاپ قويۇلىدۇ ۋە كۇن ئارىلاپ بىر قېتىم ئالماشتۇرىلىدۇ. تېرە، مۇسكۇللار تاشقى زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغاندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
ئەمچەك توپچىسى ۋە قول-پۇت يېرىلىشنى داۋالاش 
 
    ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئەمچەك توپچىسى ئاسانلا يېرىلىپ قالىدۇ ۋە بالا ئېمىتكەندە قاتتىق ئازابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەمچەك توپچىسىغا ئازراق ھەسەل سۇركەپ قويسا ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. قول-پۇت يېرىلسا، ئاۋۋال ئىسسىق سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇپ كۇندە 1-2قېتىم ھەسەل سۇركەپ قويۇلىدۇ. ئۇخلىغاندا سۇلياۋا بىلەن تېڭىپ قويسا تېرە سىلىقلىشىپ يارا تىز ساقىيدۇ.
ھەسەل ھۆسىن گۈزەللەشتۇرىدۇ
   ھەسەل تەكرىبىدە نۇرغۇن ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاپ ماددا ئالمىششنى ھۇجەيرىلەرنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ قېرىشنى كېچىكتۇرىدۇ. تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە چىدامچانلىقىنى كۇچەيتىپ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
ھەسەل يەنە تېرىدىكى باكتىرىيە كېسەللىك مىكروبلىرى شۇنىڭدەك باشقا مىكرو جانلىقلارنى يوقىتىپ تېرىنىڭ قورغاقلىششىشى، قورۇق چۇشۇش، چىقان ،ئىسسىقلىق، دانىخورەك قاتارلىقلارنى داۋالاشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، بۇنىڭدا ھەسەلنى تۆت ھەسسە سوغۇق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ يۇزگە تەكشى سۇركەپ بەش مىنوت سىلاپ بەرسە بولىدۇ.50گىرام ھەسەلنى بىر تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قۇتىغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يازدا توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ يەنە گىلىتسېرىن نى 4:3 نىسبەت بويىچە ياكى كالا سۇتى ئۇرۇك مېغىزى مېيى،لىمون شىرنىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
تېرە ياللۇغىنى داۋالاش ئۇسۇلى
    زىيادە سىزىمچانلىق تېرە ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارغا 100مىللىلىتىر ھەسەلگە 10گىرام سىنىك ئوكسىد ،20گىرام كىراخمال ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ سۇركىلىدۇ. دورا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن تېرىدىكى قىزىل ئەسۋىلەر سېڭىشىپ،قىچىشش يېنىكلەيدۇ، سۇيدۇك لاتىسىدىن پەيدا بولغان تېرە ياللۇغى بولسا يەرلىك ئورۇن پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن بىر كۇندە 1-2قېتىم ھەسەل سۇركەپ قويۇلىدۇ.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى