تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
ئالمىنىڭ خاسىيەتلىك رولى

ئالمىنىڭ خاسىيەتلىك رولى

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/21 0:20:28  كۆرۈلىشى:849 قىتىم



ئالمىنىڭ مېۋىلەر ‹‹خانىشى››دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ،ئۇ ھۆسن گۈزەللەشتۈردىغان ۋە تېرىنى ئاسرايدىغان ئېسىل يېمەكلىكتۇر.ئالمىنى داۋاملىق يەپ بەرسە ھەم ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ ھەم تېرىنى سىلىق يۇمشاق قىلدۇ. ئالما بىر خىل كالوريىسى تۆۋەن يېمەكلىك بولۇپ ،ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ،ئورگانىزىمغا ئاسان سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىندىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.شۇڭا ئۇنىڭ ‹‹تىرىك سۇ›› دېگەن نامىمۇ بار .خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ،بو خىل تىرىك سۇ بەدەندىكى مىكرو ئېلمېنت گۈڭگۈرتنىڭ ئېرىشىگە پايدىلىق بولۇپ ،تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئالاھىدە رول ئويناپ تېرىنى يۇمشاق ،سىلىق قىلدىكەن. ئالمىدا يەنە تېرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولۇپ ،ناۋادا بو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولسا تېرلەر يىرىكلىشىپ كېتىدۇ ،قىچىشىدۇ ھەمىدە پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ.ئالما تەركىبىدە ۋىتامنىلار ۋە تەبئى قەنتلەرمۇ مول بولۇپ ،تېرنىڭ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە .ئالمىنى يۈزگە يېنىك سۈرسە تەر تۆشۇكچىلىرىنى تازلاپ تېرىنى سەگىتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرىت، ئالما يەنە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ كۆز ئەتراپى قاريىشنى تۈگۇتىشكە ياردەم بېردۇ.بۇنىڭ ئۇسۇلى ئالمىنى نېپىز يالپاقلاپ كۆزنىڭ ئاستى تەرپىگە چاپلىنىدۇ.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى