تىۋىبە تورى
سىزنىڭ ئورنىڭىز :باشبەت > خەۋەرلەر مەركىزى >
نەشپۈتنىڭ شىپالىق رولى

نەشپۈتنىڭ شىپالىق رولى

يوللانغان ۋاقىت 2015/1/21 0:21:37  كۆرۈلىشى:862 قىتىم

 نەشپۈت كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولغان بىر خىل ياغاچ غوللۇق ئۇسۇملۈك مىۋىسى تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق، كۆڭۈلگە ھۇزۇر بېغىشلاش،يۇرەكنى،مېڭىنى قۇۋۋەتلەش،ئۆپكىنى ياشارتىپ بەلغەمنى بوشىتىش،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. نەشپۈتنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا جىگەر كېسەللىكى،ئۆپكە كېسەللىكى،جىددى ۋە ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى، يۇقۇرى قان بېسىم،كۆز قاراڭغۇلىشىش،كۆز تورلىشىش،يۇرەك قالايمىقان سېلىش،جىگەر قېتىش،باش قېيىش،ھۆتۇتۇش،قۇلاق غۇڭۇلداش،گال قۇرۇش،ئاۋاز بۇغۇلۇش گال ئېچىشىش ۋە ئاغرىش،قەۋزىيەت،يۈرەك كېسەللىكى،سىيگەكلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن شىپا بولىدۇ. شۇنداقلا مېڭىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئولتۇرغۇچى نېرۋىلارنىڭ ھەركىتىنى ياخشىلايدۇ، بەدەندە مىۋە مېنرال تۈزلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان چىش مىلىكلىرىنىڭ قانىشىغىمۇ شىپا بولىدۇ.
     سىقىلغان سۈيى بىلەن بىھىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا،سۆڭەك ئاغرىش،كاناي قۇرۇش،سۈيدۈك يولى ئېچىشىپ ئاغرىش،سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈشلەرگە پايدا قىلىدۇ. نەشپۈتنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ئىچسە زاتىل،كېزىك كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ. نەشپۈت دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە قەنت سىيىش (دىئابىت) كېسەللىكى ئۈچۈن ياخشى دورا بولىدۇ،ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
     نەشپۈت ئۇرۇقى زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە،نەشپۈت ئۇرۇقىنى ئىزىپ يىلان،چايان ،ھەرە ۋەباشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان،غالجىر ئىت چىشلىگەن ئۇرۇنلارغا باسسا زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
     نەشپۈتنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى بەدەنگە ۋە يۈزگە چىققان ھەرخىل مۇدۇر چاقىلارغا سۇركىسە پايدا قىلىدۇ. نەشپۈتنىڭ يۇپۇرمىقى بىلەن چىلاننىڭ يۇپۇرمىقىنى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇپ،بۇۋاسىر (گېموروي) غا چاپسا قان كېلىشنى توختىتىدۇ. نەشپۈتنى كۆپ ئىستىمال قىلسا،سوغۇقچان،ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ،قورساقنى كۆپتۈرىدۇ ۋە ئاغرىتىدۇ،شۆلگەينى كۆپەيتىۋېتىدۇ،شۇڭا نەشپۈتنى ئاچ قورساق يىمەسلىك ،يەپ ئارقىدىن سۇ ئىچمەسلىك،گۆش يىمەسلىك لازىم.
دوستانە بىكەتلەر
ulinix.com نۇرقۇت بلوگى